ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) ھاياتنىڭ ئەگىرى توقايلىرىنى ، كۆڭلۈمدىكى ئوي-پىكىرلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ تور خاتىرسىنى ئىلتىماس قىلدىم. بۇندىن كىيىن ئەڭ يىڭى خاتىرلەر سىىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. ئىنتىزار تور خاتىرسى


باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
  •   مەن ئاخىرى« چ چ» دىكى بىر يۇچۇقنى بايقىدىم.ئۇ بولسىمۇ «چ چ»نى ئىچىش ئالدىدا كومپىيوتۇرنىڭ ۋاقتىنى بىر كۇن ھەتتا نەچچە ئاي ئالدىغا سۇرۇپ ئاندىن«چ چ» نى ئىچىپ كەينىدىنلا ۋاقىتنى ئوز ئەسلىگە كەلتۇرسە، مۇلازىمىتىر ماشىنا ئۇلارنى ھىساپلايدىكەندە، ئاندىن ۋاقىت قوشىدىكەن. مەن بۇ مەخپى ئىشنى بىر مۇنبەردە ئىلان قىلغان ئىدىم. كەينىدىن نۇرغۇن ئىنكاسلار كەلدى .بۇ ئىنكاسلار توۋەندىكىچە:
    .1 سىز بەك نوچى ئىكەنسىز، مەن ۋاقىتنى 10 يىلنىڭ ئالدىغا سۇرگەن ئىدىم، قۇياش ئايلار يوقاپ،  4 دانە يەرشارى پەيدا بۇلۇپ قالدى.


  • 1.  ئورنۇمدىن تۇردۇم، قۇياش چىقىپتۇ، سىزنى سېغىنىشقا باشلىدىم. 
    2.  ئورنۇمدىن تۇردۇم، يامغۇر يېغىپتۇ، كۈنلۈك كۆتىرىپ مەكتەپكە كەلدىم.
    3. يامغۇر توختىدى، بۇلۇت چىقىتۇ، مۇھەببەت يەنىلا كۈتىۋاتىدۇ.
    4. يېڭى بىر كۈن باشلاندى، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش باشلاندى.
    5. تۇيۇقسىز بىر جۈملە سۆز يادىمغا كېلىپ قالدى، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشىغۇم بار.
    6. ئاخشام يۇلتۇزلارغا قارىدىم، يۇلتۇزلار مېنىڭ قەلبىمنى چۈشىنەلەرمۇ؟
    .................

    خەتكۈچ:تەرمىلەر

  • ئەركىن سابىر ئەيسا چوڭنىڭ يوغان بۇرنىغا ھەممە ئادەم ھەيران، يۈزىدىكى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىغا تارتىلغان قورۇقلار ئارىسىدا كۆپۈشۈپ تۇرغان يوغان بۇرنى خۇددى سانسىزلىغان جىرالار ئارىسىدا دۈمچىيىپ تۇرغان دۆڭگىلا ئوخشايتتى. تېخى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ: ‹‹ياراتقۇچى ئۇنى ئادەم سىياقىغا كەلتۈرىدىغان چاغدا ئۇقۇشماي بۇرنىغا لاينى جىق بېرىۋەتكەن ئىكەن›› دېيىشەتتى. ئورۇق يۈزىدىكى قورۇقلارنى ئۇنىڭ يۈزىنى تاراشلىغاندا قېپ قالغان بارماق ئىزلىرىكەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئەيسا چوڭ بۇنداق گەپلەرگە : — مەن مۇشۇنداق، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان يارالغانكەنمەن، – دەپ كۈلۈپلا قويىدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مەھەللىلىكلەر ئىچىدە ئۇنىڭكىدەك سەكسەن قورۇقى بارلاردىن يەنە كىم بار؟ تېخى ئەيسا چوڭ بۇ قورۇقلىرى ھەققىدە ماختىنىدۇ. — مانا ماۋۇ پېشانەمدىكى ئىككى تال قورۇق بار چاغدا مەن سالامەتكە كۆيۈپ يۈرەتتىم. ئۇ چاغدا سالامەت شەھلا كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. ئۇ بازارغا مەندىنلا كۆكتات ئالغىلى كېلەتتى ۋە بىر– ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ قايتاتتى. ئۇ تولىمۇ ئەدەپلىك، قائىدە – يوسۇنلۇق ئىدى،


  • مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى،  بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم.


  • كىچىگىمدە چوڭلار «قىيامەت-قايىم يېقىنلاشقاندا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ~~» دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى تولا قىلىدىغان.قىيامەت-قايىم بىزدىن زادى قانچىلىك يىراقتا،بۇنى پەقەت ياراتقۇچى ئىگىمىز بىلىدۇ.بىراق،مۇشۇ كۈنلەردە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ جىقلاپ كەتتى.

    ئۆتكەندە،بىزنىڭ مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپنىڭ مۇدىرى ساتتار ئەپەندىم قاتناش ھاددىسىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا 2 ئايچە داۋالىنىپ چىقىپ كەچكىچە ئۆيىگە كىرمەي كوچىدا كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ يېشىنى سورايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن :«خەقنىڭ يېشىنى سۈرۈشتۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورىسا،«مەن بىر مەخپىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن،ساڭا ئېيتىپ بەرسەم،باشقا بىرسى مېنىڭ بۇ تەتقىقات تېمامنى ئوغۇرلىۋالسا قانداق قىلىمەن؟»دەپ بىر ئادەم كۈندە ئۇنىڭغا 5 قېتىم ئۇچرىسا  5قېتىم،10 قېتىم ئۇچرىسا 10 قېتىم ئۇ ئادەمنىڭ يېشىنى سوراۋېرىپ، مەھەللىلىكلەرنى يىراقتىن ئۇنى كۆرسە قاچىدىغان قىلىۋەتتى. ئادەمنى ئەڭ تېرىكتۇرىدىغان يېرى شۇكى،ساتتار ئەپەندىم ھەممە ئادەمنىڭ(جۇملىدىن ئۆزىنىڭمۇ) ئانىسنىڭ ئىسمىنى خەقنىڭ فامىلىسى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولىۋالدى،نېمە ئۈچۈنلىكىنى زادىلا خەقكە ئېيتمايتتى.


  • بىلمەيسەن،مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمەن بۇنى بىلمەيسەن.قىزلارغۇ بىر نېمە چۈشەنمەيدىغان خەق.زۇلخۇمار،ھەي زۇلخۇمار،سەن ئوغۇل دوستۇڭنى قاقشىتامسەن؟نېمىشقا قاقشاتمايسەن؟قاقشات،سەنمۇ قاقشات مەنمۇ قاقشىتاي،مۇشۇنداق قاقشىتىپ يۈرۈپ مۇھەببەت دېگەن بىر نېمىنى پەيدا بولغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىۋىتەيلى،ھازىرمۇ مۇھەببەتنى مۇھەببەت دېگەن نامىغا يۈز كەلتۈرۈپ يۈرىدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ ئۇنىڭدىن يوقىلىپلا كەتسۇن بۇنداق ئالداش ۋاستىسى دېگەن،مەن ئادۋوكات،مەن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى قانۇنغا مۇھەببەت قانۇنى دەپ بىر قانۇن قوشسۇن...ئاقىل ئاداش قېنى سەن؟مودىل قىزلاردىن تاپ ئاداش،قېنىكەن ئۇ قىزلار؟ پۇلغا جىققۇ مۇشۇ كۈندە قىز بالا دېگەن.ۋەي،كىمۇ؟ئاقىل يوقما....

     بىر دەم كايىغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە كىرىپ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتىم ۋە ھاراق ئارقىلىق ئۇيقۇغا كەتتىم.ئەتىسى چۈشتىن  كېيىن ئۆزىنى ئاقىل ،مەخمۇت دەپ ئاتىۋالغانلار كەلدى،ئوبدان ئەسلەپ باقسام راستىنلا شۇلاردەك قىلىدۇ.ئۇلار ئاۋۋال زۇلخۇمارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاندىن چىقىپ خۇددى ئېچىنغاندەك قىياپەتتە ماڭا قاراپ تۇرىۋاتىدۇ.ھەي،بۇلار كاللىسىدىن كەتمىگەندۇ؟



  • بۇ ئىشنى بايقاپلا مايسىخانغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ئۇ قىز بىلەن ھېسابلىشىپ قويايمۇ دېگەن،لېكىن، ‹‹خاتا قارار تۈپەيلىدىن بولغان زىيان›› بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قىزنىمۇ ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدىم،سۈرۈشتە قىلمىدىميۇ لېكىن كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالدىم،توۋا ،بۇ قىز خېلى چىلرايلىق تۇرۇپ نېمانداق بۇنداق كەسىپ قىلىدىغاندۇ؟ يەنە تېخى كەسىپ ئۈستىدە كەسىپ باركەن،مۇشۇنداق تاپقان پۇلىنىڭ بەرىكىتى بولارمۇ؟

    ماشىنىغا پىلاستىنكىنى سېلىپ قويۇپ ئاۋازىنى كۈچەيتىپ قويدۇم،چۈنكى بۇنداق قىلسا ئادەم خىياللار قاتلىمىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ،نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ھازىر پۇلنى يوقىتىپ قويغۇچى،بۇ خىل ھېسسىياتنى دەرھال يوقىتىش كېرەك،ناخشا توۋلاشنى يەنە باشلىدىم.


  • بۇ يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى›› كۈنى مېنىڭ كۆڭلۈم تولىمۇ قالايمىقان ئۆتتى،ئۆتكەن يىلقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››ىغۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزگەن،ئۇ ۋاقىتتا سۆيگۈنۈم شۇ كۈننى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

    بۇ قېتىمقى ‹‹ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى››كۈنى ناملىق بۇچوڭ قالپاقلىق كۈن ئارقىلىق نۇرگۈل بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى تۆۋەن تىمپۇراتۇرىنى بىر ئوڭشىۋالسامچۇ دېگەن ئۈمىددە ئۇنى كەچلىك تاماققا چاقىرىپ،ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى چېقىلىپ كەتكەن ھېسسىياتىمىزنى ئوڭشىماقچى بولدۇم


  • تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە پىلاستىر <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۆينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن كاڭ ،كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،كۆيە يەپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن قارا(رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كۈلرەڭ بۇلۇپ قالغان)ئىككى پارچە كېگىز،كېگىز ئۈستىدە تۆر تەرەپكە سېلىنغان كىرلىشىپ كاناپتەك قېتىپ كەتكەن ،ئەسلىدىكى قىزىل رەڭگى سۈسلىشىپ سۈس قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغان كۆرپە ئۈستىدە ،قاسماقلىشىپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ،ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە ،ئېغىر -ئېغىر يۆتىلىپ ،قىينىلىپ تەستە نەپەسلىنىپ ،ئاجىز ئېڭراپ ،ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە بىر بوۋاي ياتاتتى.


  • كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى<<نەزەر تاشلىماق>>.
    بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى<<كەڭرى يايلاق>>.
    خۇشۇت_مۇڭغۇلچە<<خېخىتې>>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.
    باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى <<قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش>>.
    ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئاق رەڭلىك سۇ>>.
    كۇچا_ئۇيغۇرچە<<تار كۇچا،خاڭ يولى>>قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە.

    خەتكۈچ:

  • ئۇيغۇر كىلاسسىك « ئون ئىككى مۇقام » ى __ سەنئەت خۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا سەنئەت خەزىنىسى ۋە سەنئەت قامۇسى . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ھەم مۇرەككەپ ھەم مول ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى ئارقىلىق بايان قىلىدىغان بىر بەدىئى قامۇسى . مۇزىكىلىق ئىپادە جەھەتتە لىرىكا بىلەن ئىپىكا نەغمە بىلەن نەزىم گارمونىك ھالدا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ئەسەر . ئۇيغۇر كىلاسسىك « ئون ئىككى مۇقام » ى ، ژانىر جەھەتتىن ئۇنۋېرساللىققا ئىگە بولۇپ مۇزىكا ، ناخشا ئۇسسۇل بىر گەۋدىگە مۇجەسسەملىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان . ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ كۆپ قىسمى نىسپى ھالدا قېلىپلاشتۇرۇلغان . قۇرۇلما ، مۇستەقىل كۇي - ئاھاڭ شەكلىگە ئىگە . ھەر قايسى يۈرۈش مۇقاملارنىڭ ئاھاڭ شەكلى مىلودىيىسى ، رىتىمى ، ئۇدارلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن قانۇنىيەت ساقلانغان ئاساستا ئىجرا قىلىنىدۇ . ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام » نىڭ ھەجىمى ھەقىقەتەن زور ، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ، ھەربىي سوتۇق ①( چوڭ قىسىم ، چوڭ بۆلەك) ۋە شۆبىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەخسۇسلاشقان ئاتالغۇلىرى بار . بۇلارنى شەھىرلەپ چۈشەندۈرۈش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇقامغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ھەر بىر يۈرۈش مۇقامى تەرتىپلىك ، قېلىپلاشقان ھالدا چوڭ نەغمە ، داستان ، مەشرەپ دېيىلگەن . ئۈچ سوتۇققا بۆلۈنىدۇ ھەر بىر يۈرۈش مۇقامىدا سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرى تەكرارلىنىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كۈي ___ ئاھاڭلار قەتئىي تەكرارلانمايدۇ .

    خەتكۈچ:

  • 1- يېڭىلىق يارىتىش.   
    2-نوپوزىنى قوغداش.     
    3-كىشىلەرنى ئەخلاق بىلەن قايىل قىلىش.      
    4-ئادىل لىللا بۇلۇش.   
    5- ئادىل بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.   
    6- ھوقۇقىنى ئىشلىتىش.   
    7-بۇيرۇق چۇشۇرۇش.   


  • نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىي شەخس ياكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز ئىكەنلىكى توغرىسدا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ئارىسدا ئوخشاشمىغان قاراشلار بولغان، ھەتتا نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن. XIX ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۈركىيىلىك ئالىم مىجىت ھاسان يەرلىك ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردە تۈركىيىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كونيالىق ئىبراھىم خاككى يازغان ۋە 1945 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئاقشەھەر تارىخى» ناملىق ئەسەردە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىدىن ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن. 1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېچلىغان «يىپەك يولى مىللەتلىرى ئارا خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي كېڭىشى» گە ئېلىمىز ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخمان تۈركىيىدىكى ئىلمىي پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان: «ئىككى قېتىملىق ھاسىلات» ناملىق ماقالىسىدە نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان


  • ناۋادا بىر ئەر سىزگە قىزىقسا،ئۇنىڭ كاللىسىدىكى تۈنجى ئۇقۇم سىزنىڭ تېلىفون نۇمۇرىڭىزغا ئېرىشىشتۇر،ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى بېرىش ئەمەس.ئەمما ئەمەلىيەتتە،ئەرلەرنىڭ سىزنىڭ تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى سورىشىمۇ ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.چۈنكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەرلەرنىڭ قارىشىچە،گەرچە ئۇلار تېلىفون نۇمۇرىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ،ئۇلار ھەرگىز ئۇرۇپ بېقىشنى خالىمايدىكەن.
    . 2. ناۋادا كىچىلىك بەزمىخانىلاردا ئەرلەرنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز،ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇن ئۈستەل ئەمەس بەلكى ئۇسۇل سۇپىسى.چۈنكى ئەرلەر يۆتكىلىشچان نىشانغا ئامىراق كىلىدۇ---- چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ قەدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان، دائىم يۈگىرەپ يۈرىدىغان ئولجىلىرىغىلا قىزىقىدىغان ئېرسىيەتتۇر.


  • ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت(ياڭخاڭ مەسجىت، نوغاي مەسجىتى، بەيتۇلمەئىمۇر مەسجىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا...........................


  •   بۇرۇن قەدىم زاماندا ،
                شۇنچە خىلۋەت ماكاندا،
                ياشايدىكەن ئىككى باي،
                باياشاتتا خوشلۇقتا   .

                 ھىچنىمىدىن غېمى يوق ،
                 كۈندە شۇنداق كۆڭۈل توق ،
                 ئىناقلىقى ئۇلارنىڭ ،
                 قېرىنداشلاردىن ئارتۇق .


  • تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە سۇلياۋ <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى.


  • خىزمەت ئورنۇم  ھوكۇمەت ئورۇن بولغاچقا دوختۇرخانا باشلىقلىرى ۋە دوختۇرلىرى بىلەن داۋاملىق يىغىنلارغا قاتنىشاتتۇق ، بىرگە ئۇگىنىش قىلاتتۇق ، شۇڭا دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىنى ياخشى بىلەتتى . 
      ئەتىسى دوختۇرخانىدىن بىر ئايال دوختۇر مىنى تىلغۇن قىلىپ چاقىرىتتى ..
    -- مىنى چاقىرتىپ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى ؟


  •      داۋاملىق ئوغۇللارنى سىنىماڭ،ئايرىلىشنى ۋاستە قىلىپ ئۇلارغا ھەيۋىمۇ قىلماڭ.
            سىز داۋاملىق ئۇنىڭغا مۇشۇنداق تەسىر بەرسىڭىز،ئۇ ئاخىرى سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشنى تاللىشى مۈمكىن.
            ئوغۇل دوستىڭىزنى سىزنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ھوقۇقىڭىزنى كەڭ دائىردە ئىشلەتمەڭ،ئۇلارنىڭ غايىسىگە،ئىتقادىغا ۋە ئىزدىنىشلىرىگە ئارىلاشماڭ


  • خىيالىمدا خان بولدۇم. خىيالىمدا ۋەزىرمەن،
    خىياللىرىم خىلمۇخىل، خىيالىمدا خىزىرمەن،
    لەۋلىرىمنى تەمشىيمەن خىياللاردەك بولالماي،
    جايىم ئەسكى ئويۇققا، چۈنكى پۇچۇق ھېجىرمەن.


  • (2)
    يىتىملەرنىڭ كۆز يىشى

    8 - ئاينىڭ ئولتۇر - ئاخىرلىرى بولغاچقا كۇن ناھايتىمۇ ئىسسىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە چۇشلۇك دەم ئىلش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا ، بىز ياتاقداشلار تاماقلىنىپ بولغاندىن كيىن قايتىپ كىرىپ ئۇخلاۋاتاتتۇق ..
    - جىرىڭ ...........جىرىڭ ...


  • (1)
    سوغات ئۇستىدە دە - تالاش
    - ئۇف ! كىتاپنى كۆرۇۋىرىپ ھەجەپ كۆزۇم ئاغىردى ، - ئۇستۇنكى كارۋاتتا ئۇنتىنسىز دۇم يىتىپ دەرىس تەكرارلاۋاتقىلى يىرىم كۇن بولغان دىلشات كىتاپنى ئۇستەل ئۇستىگە تاشلىغاچ گەپ باشلىدى، - ھەي باللا ، مانا يازلىق تەتىل توشاش دىگىلى ئازلا قالدى ، بىز بولساق تىرىشچانلىقىمىز تۇتۇپ كىتىپ ، كىلەچەكتە ئۇيغۇلاردىن چىققان ئالىم بولۇپ ، مىللەتكە توھپە قوشىمىز دەپ يۇرىتقىمۇ قايتىماي تەتىل كۇرۇسغا قاتنىشۋلدۇق ، ئاز

    .......


  • شىنخۇا ئاگىنىتلىقى خەۋىرى.
    ھىندونېزىيە سۇماترا ئۆلكىسىنىڭ شەرىقىي قىسمىدا، ئەسكەرلەر بىر مەكتەپتىن ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتۇلدۇردى. ھىندونېزىيە سۇماترا ئۆلكىسىدە 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كىيىن يەر تەۋرىدى.
    شىنخۇا ئاگىنىتلىقى خەۋىرى.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئادالەتپەرۋەرلەر ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى J. B. Holmesنىڭ ئىيتىشىچە، ھىندونېزىيە سۇماترا ئارېلىدا قاتتىق (7.9 بال) يەر تەۋرەپ، ئۆلگەن ئادەم سانى 1100دىن ئاشتى، يۈزلىگەن ئادەم يارىلاندى.

    خەتكۈچ:خەۋەرلەر

  • ئىتىزار ئۇلىنىش دۇنياسى

     

     ئىتىزار ئۇلىنىش دۇنياسىنى تەستىس قىلدۇق

    .............................


  • ئاۋۋال خەت يىزىش تاختىسى(记事本)نى ئىچىپ
    *{font-family:ukij tuz tom;}
    نى يازىمىز. ئاندىن كىڭەيتىلگەن نامىنى cssقىلىپ ساقلايمىز.
    .........................

    خەتكۈچ:كومپىيوتېر

  • ساھىپجامال قىزچاقنىڭ ئېچىلىپ قاپتۇ ساغرىسى،
    كۆپكۈندۈزدە كەيگەچكە بەكمۇ كالتە يوپكىنى.
    چاچقان ئەتىر ئۇپىسىدىن كۆمۈلۈپ ھەم يۈزلىرى،
    بۇنى كۆرگەن جامائەت تۇتۇشۇپتۇ ياقىنى.

    .............................


  • ئۇيغۇر دولان مۇقامى-ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بۇلۇپ،جۇڭخۇا مىللى مەدەنىيەت-سەنئەت غەزىنىسىنىڭ بىباھا گۆھىرى ھىساپلىنىدۇ.
     ئۇ ھازىر پەقەت دولان ئۇيغۇرلىرى ياشىغان رايۇنلاردا ساقلىنىپ قالغان بۇلۇپ، مۇزىكا رېتىمى، ئۇدارى باشقا مۇقاملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. شۇڭلاشقا دۇلان مۇقامى ئۈزىنىڭ قۇيۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە مىللى ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قالغان. ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر مۇقامىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  • يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان،1962-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ  تىل-ئەدەبىتات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن؛ 1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان.
    ........................................

    خەتكۈچ:

  • تەتىلگە قايىتقان بىر يىرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى تور ئىچىلمىغانلىقى ئۈچۈن خاتىرە يىزىشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى. بۈگۈن لەنجۇغا قايتىپ كىلىپ يەنە خاتىرە يىزىشقا مۇۋەپپىقىيەت بولدۇم. بۇنىڭدىن كىيىن ۋاقىت چىقسىلا يىڭى خاتىرىلەرنى يىزىپ تۇرىمەن.
    ل...
    خەتكۈچ:

  • ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯩﻢ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﯟﺍﺯﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ،
    ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮔﯚﺷﻰ.
    ﭘﯩﯟﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺳﺎﭘﺴﯧﺮﯨﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭ،
    ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﭼﯩﺸﻰ.

    ﺑﯘ ﺩﻭﺗﺴﯧﻨﺖ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ 20 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﻮﻧﺴﭙﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﺘﺎ، ﻣﻪﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ

    1- ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ
    ............................................................




ھازىر بىلوگدا جەمئىي نەپەر زىيارەتچى بار